ئانا بەت تور بەتچىلىك

مەرھابا ! ئەزىزلەر ، ئالدىنقى قېتىملىق دەرىسلىكىمىزدە بىز HTML ھەققىدە دەسلەپكى ئاساسقا ئىگە بولغان ئىدۇق ، بۈگۈنكى دەرىسلىكىمىزدە HTML ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى تۇنۇشۇپ ئۈتىمىز...

نىشان

HTML بەت ياساش ، مېدىيا ، ئۇلىنىش قاتارلىق ئاساسىي بىلىملەرنى ئۆگىنىپ ، ئاساسىي تور بەتلەرنى ئېچىشنى تاماملىيالايمىز . ئەمسە تۆۋەندىكى دەرىسلىكنى ئۆگۈنۈپ ئۈتىمىز...

ماۋزۇ ئېلېمېنتى

كۆرۈنۈشى : خەۋەر ۋە ماقالىنىڭ بېتىدە ماۋزۇدىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ، ماقالىنىڭ باش تېمىسىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
كود : h يۈرۈشلۈك بەلگىسى

<h1>1- دەرىجىلىك بەلگە </h1>
<h2>2- دەرىجىلىك بەلگە </h2>
<h3>3- دەرىجىلىك بەلگە </h3>
<h4>4- دەرىجىلىك بەلگە </h4>
<h5>5- دەرىجىلىك بەلگە </h5>
<h6>6- دەرىجىلىك بەلگە </h6>

چۈشەندۈرۈش : 1-دەرىجىدىن 6-دەرىجىگىچە بولغان بەلگە، مۇھىم دەرىجىسى تەرتىپ بويىچە كېمىيىپ بارىدۇ .
ئالاھىدىلىكى :

  • خەتلەرنىڭ ھەممىسى توم بولۇپ كەتكەن .
  • خەتلەرنىڭ ھەممىسى چوڭايغان ھەمدە h1 ~ h6 يېزىقلار تەدرىجىي كىچىكلىگەن .
  • بىر قۇرنى مونوپول قىلىغان بولىدۇ .

بۆلەك ئېلېمېنتى

كۆرۈنۈشى : خەۋەر ۋە يازمىنىڭ بېتىدە بۆلەكلەر بويىچە كۆرسىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ .
كود : <p> </p>
چۈشەندۈرۈش : ئابزاس
ئالاھىدىلىكى:

  • ئابزاسلار ئارىسىدا يوچۇق مەۋجۇت .
  • بىر قۇرنى مونوپول قىلىغان بولىدۇ .

قۇر ئالماشتۇرۇش ئېلېمېنتى

كۆرۈنۈش : يېزىق ئارقىلىق مەجبۇرىي قۇر ئالماشتۇرۇپ كۆرسىتىش
كود : <br>
ئالاھىدىلىكى :

  • يەككە بەلگە
  • يېزىقنى مەجبۇرىي قۇر ئالماشتۇرغۇزىدۇ

گورىزونتال سىزىق ئېلېمېنتى

كۆرۈنۈش : ئوخشاش بولمىغان تېما مەزمۇن ئارسىنى گورىزىنتال سىزىق بىلەن ئايرىشقا ئىشلىتىلىدۇ .
كود : <hr>
چۈشەندۈرۈش : ئاساسىي تېمىنى بۆلۈپ ئالماشتۇرۇش
ئالاھىدىلىكى :

  • يەككە بەلگە
  • بەت يۈزىدە بىر گورىزونتال سىزىق كۆرۈنىدۇ .

تېكىست فورماتلاش ئېلېمېنتى

كۆرۈنۈش : خەتنى توم، ئاستىغا سىزىق سىزىش، يانتۇ، ئۆچۈرۈش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە قىلىش كېرەك .
كود :

بەلگەچۈشەندۈرلىشى
strongيىرىك
insئاستى سىزىق
emقىيسىيىش
delئۆچۈرۈش سىزىقى

چۈشەندۈرۈش : مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ، تىل مۇھىتىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ .

رەسىم ئېلېمېنتى

كۆرۈنۈش : تور بەتتە رەسىم كۆرۈنىدۇ .
كود : < img src= "" alt= "" title= "" >
ئالاھىدىلىكى :

  • يەككە بەلگە
  • img ئېلېمېنتى ماس كېلىدىغان ئۈنۈمنى كۆرسىتىش ، ئېلېمېنتىنىڭ خاسلىقىدىن پايدىلىنىپ بەلگىلەش كېرەك !

رەسىم ئېلېمېنتى src خاسلىقى

خاسلىق نامى : src
خاسلىق قىممىتى : رەسىم كۆرسىتىش يولى
دىققەت :

  • تۆۋەندە يېزىلغان كودقا ئوخشاش رەسىم ئادرىسى بىر ھۆججەت قىسقۇچتا ، ئۇدۇل رەسىمنىڭ ئىسمىنى يازسىڭىزلا بولىدۇ ( ئارقا قوشۇمچىنىڭ ئىسمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) .
  • يول ئەھۋالى بەك كۆپ ، سەل تۇرۇپ تەپسىلىي تونۇشتۇرىمىز .
<html>
 <body>
  <img src="./1jpg" alt="" title="" >
 </body>
</html>

رەسىم ئېلېمېنتى alt خاسلىقى

خاسلىق نامى : alt
خاسلىق قىممىتى : تىكىست ئالماشتۇرۇش

  • رەسىم يۈكلەش مەغلۇپ بولغاندا تىكىست كۆرۈنىدۇ .
  • رەسىم يۈكلىنىپ بولغاندىن كىيىن تىكىست كۆرۈنمەيدۇ .
<html>
 <body>
  <img src="./1jpg" alt="بۇ بولسا ئالمىشىدىغان تىكىست" title="" >
 </body>
</html>

رەسىم ئېلېمېنتى title خاسلىقى

خاسلىق نامى : title
خاسلىق قىممىتى : ئەسكەرتىش تىكىستى

  • رەسىم ئۈستىدە مائوس توختىغاندا كۆرۈنىدۇ .

دىققەت :
title خاسلىقى رەسىم ئېلمېنتىدە ئىشلىتىلىپ قالماستىن باشقا ئېلمىنېتلاردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ .

<html>
 <body>
  <img src="./1jpg" alt="بۇ بولسا ئالمىشىدىغان تىكىست" title="بۇ بولسا ئەسكەرتىش تىكىستى" >
 </body>
</html>

يول

يول : نىسپىي يول ( دائىم ئىشلىتىلىدۇ ) ، مۇتلەق يول ( چۈشىنىش ) دەپ ئايرىلىدۇ .
مۇتلەق يول : ( چۈشەنسىلا بولىدۇ )
تور تىسكىسى : C:UsersTarqutPicturesرەسىم چۈشۈرۈش.img
مۇكەممەل تور ئادرېسى : https://t7.baidu.com/it/u=1819248061,230866778&fm=193&f=GIF
نىسپىي يول : نىسپىي يولدا ئۈچ خىل ئەھۋال بار

  1. تەڭ دەرىجىلىك مۇندەرىجە : بىۋاستە يېزىش : نىشان ھۆججەت ئىسمى !
  • بىرىنچى ئۇسۇل : <img src="ھۆججەت نامى">
  • ئىككىنچى ئۇسۇل : <img src="./ھۆججەت نامى">
  1. تۆۋەن دەرىجىلىك مۇندەرىجە : بىۋاستە يېزىش : ھۆججەت قىسقۇچ ئىسمى / نىشان ھۆججەت ئىسمى !
  • بىرىنچى ئۇسۇل : <img src="ھۆججەت قىسقۇچى/ھۆججەت نامى">
  • ئىككىنچى ئۇسۇل : <img src="./ھۆججەت قىسقۇچى/ھۆججەت نامى">
  1. يۇقىرى دەرىجىلىك مۇندەرىجە : بىۋاستە يېزىش : تۆۋەن دەرىجە : /.. نىشان ھۆججەت ئىسمى !
  • ئۇسۇل : <img src="../ھۆججەت قىسقۇچىدىكى ھۆججەت نامى">

مۇزىكا ئېلمېنتى

كۆرۈنۈش : بەتكە مۇزىكا قىستۇرۇش
كود : <audio src=./music.mp3" controls></audio>
دائىم ئىشلىتىلىدىغان خۇسۇسىيەتلەر :

خاسلىق نامىئىقتىدارى
srcمۇزىكا قىستۇرۇش يولى
controlsقۇيۇشنى كونترول قىلىش ئېلمىنىتى
autoplayئاپتوماتىك قويۇش ( بىر قىسىم تور كۆرگۈچلەر قوللىمايدۇ )
loopدەۋرىي قويۇش

فىلىم ئېلمېنتى

كۆرۈنۈش : بەتكە فىلىم قىستۇرۇش
كود : <video src="./video.mp4" controls></video>
دائىم ئىشلىتىلىدىغان خۇسۇسىيەتلەر :

خاسلىق نامىئىقتىدارى
srcفىلىم قىستۇرۇش يولى
controlsقۇيۇشنى كونترول قىلىش ئېلمىنىتى
autoplayئاپتوماتىك قويۇش ( بىر قىسىم تور كۆرگۈچلەر قوللىمايدۇ )
loopدەۋرىي قويۇش
mutedئاۋازسىز قويۇش

زەنجىرسىمان ئۇلاش ئېلمىنىتى

كۆرۈنۈش : چەككەندىن كېيىن بىر بەتتىن يەنە بىر بەتكە ئاتلىنىدۇ.
ئاتىلىشى : a بەلگىسى ، دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇلىنىش ، چېكىتلىك ئۇلىنىش .
ئالاھىدىلىكى :
قوش بەلگە ، ئىچكى قىسىمدا مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
a ئۇلانمىنى چەكمىگەن بولسا كۆك رەڭلىك بولىدۇ .
ئەگەر a بەلگىسى لازىم بولسا چېكىپ بولغاندىن كېيىن بەلگىلەنگەن بەتكە بېرىپ ، a بەلگىسىنىڭ href خاسلىقىنى بەلگىلەش كېرەك .
كود : <a href="سەكرەپ ئايلىنىش نىشانى " target="نىشان كۆزنىكىنىڭ قاڭقىپ چىقىش ئۇسۇلى ">كۆرسىتىش مەزمۇنى </a>
قۇرۇق ئۇلاش ( كېڭەيتىپ تولۇقلاش )
ئىقتىدارى : چوققىغا قايتىپ ، ئورۇننى ئىگىلەيدۇ .
كود : <a href="#">قۇرۇق ئۇلاش</a>

بەلگەئىقتىدارى
_selfنۆۋەتتىكى كۆزنەكتە ئېچىش ( تور بەتنى قاپلاش )
_blankيېڭى كۆزنەكنى ئېچىش ( ئەسلىدىكى تور بەتنى ساقلاپ قېلىش )
خۇلاسە
ئېلمىنىتتەسۋىرلەش
h1~h6ماۋزۇ ( باش تىما )
pئابزاس
brقۇر ئالماشتۇرۇش
hrگورىزونتال سىزىق
strongيىرىك
insئاستى سىزىق
emقىيسىيىش
delئۆچۈرۈش سىزىقى
imgرەسىم
srcيول خاسلىقى
altئالماشتۇرۇلغان تېكىست
titleئەسكەرتمە تېكىست
widthكەڭلىك
heightئىگىزلىك
/تەڭ دەرىجىلىك مۇندەرىجە
./تۆۋەن دەرىجىلىك مۇندەرىجە
../يۇقىرى دەرىجىلىك مۇندەرىجە
audioمۇزىكا
videoفىلىم
controlsقۇيۇشنى كونترول قىلىش ئېلمىنىتى
autoplayئاپتوماتىك قويۇش ( بىر قىسىم تور كۆرگۈچلەر قوللىمايدۇ )
loopدەۋرىي قويۇش
mutedئاۋازسىز قويۇش
aئادەتتىن تاشقىرى ئۇلىنىش
hrefيول خاسلىقى
targetبەلگىلەنگەن كۆزنەكنى ئېچىش ئۇسۇلى
_selfنۆۋەتتىكى كۆزنەكتە ئېچىش ( تور بەتنى قاپلاش )
_blankيېڭى كۆزنەكنى ئېچىش ( ئەسلىدىكى تور بەتنى ساقلاپ قېلىش )


باھا