首页 تور بەتچىلىك

مەرھابا ! ئېزىز ئۇقۇرمەن دوستلار ئالدىنقى قېتىم يوللىغان HTML دەسلەپكى ئاساس دەرىسلىكىنىڭ 1- قىسمىنى يوللىغان ئويلاپ باقسام تور بەت ھەققىدە بىر ئىزاھات بىرىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكى دەرىسلىكىمدە تۇلۇقلاپ ئۆتۈپ كىتىشنى توغرا تاپتىم

تور بەت نىمىلەردىن تەركىپ تاپىدۇ ؟

تور بەت : يېزىق ، رەسىم ، ئادەتتىن تاشقىرى ئۇلىنىش ، ئاۋاز ، فىلىم قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان بولىدۇ .

بىز كۆرگەن تور بەتنىڭ كەينىدە نېمە بار ؟

پروگرامما تۈزگۈچى يازغان كود بولغان بولىدۇ .

باشتىكى كود قايسى دىتال ئارقىلىق ئابونتلارنىڭ نەزىرىدىكى بەتكە ئايلاندۇرۇلىدۇ ؟

تور كۆرگۈچ ئارقىلىق ئابونت كۆرگەن تور بەتكە ئايلاندۇرۇپ بىرىدۇ .
بەش چوڭ تور كۆرگۈچ بىلەن تۇنۇشۇڭ
تور كۆرگۈچ تور بەت كۆرسىتىش ، ئىجرا قىلىش سۇپىسى ، تور بەتنى ئېچىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئۆتكۈر قورال بۇلۇپ كۆپ ئۇچرايدىغان بەش چوڭ تور كۆرگۈچ تۆۋەندىكىلەر
{collapse}
{collapse-item label="IE تور كۆرگۈچى" open}
Firefox ئوت تۈلكە تور كۆرگۈچى
Chrome گوگىل تور كۆرگۈچى
Safari سافىرا تور كۆرگۈچى
Opera ئوپىرا تور كۆرگۈچى
{/collapse-item}
{/collapse}

كۆپتۈرمە ماتور ( چۈشىنىش )

رەڭ بېرىش موتورى ( تور كۆرگۈچنىڭ ئىچكى يادروسى )
تور كۆرگۈچنىڭ مەخسۇس كودنى ئانالىز قىلىپ رەڭ بېرىدىغان قىسمى تور كۆرگۈچتە ئىشلەنگەن شىركەتلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان تور كۆرگۈچنىڭ ئىچكى رەڭ بېرىش ماتورىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ .

تور كۆرگۈچئىچكى يادىروئىزاھات
IEtridentIE، يىلپىز، 360، بەيدۇ
Firefoxgeckoئوت تۈلكە
Safariwebkitئالما
Chrome/Operablinkblink ئەمەلىيەتتە webkit نىڭ تارمىقى
نېمە ئۈچۈن web ئۆلچىمىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ ؟

ئوخشاش بولمىغان تور كۆرگۈچنىڭ رەڭ بېرىش ماتورى ئوخشاش بولمايدۇ ، ئوخشاش كودنى ئانالىز قىلىش ئۈنۈمى ئوخشاش بولمايدۇ . ئەگەر ئىشلەتكۈچىلەر بىر تور بەتنى كۆرمەكچى بولسا ، نەتىجىسى ئوخشاش بولمىغان تور كۆرگۈچتە ئاچسا ئۈنۈمى ئوخشاش بولمايدۇ ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھېس قىلىشى ئىنتايىن ناچار بولىدۇ !

web ئۆلچىمى

ئوخشىمىغان تور كۆرگۈچنى ئوخشاش ئۆلچەم بويىچە نەتىجىنى كۆرسىتىش ئۈنۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش بولۇپ ئادەتتە web ئۆلچىمىنىڭ تۈزۈلۈشى ئۈچ تەركىبكە بۆلۈنىدۇ

تۈزۈلۈشتىلچۈشەندۈرۈش
قۇرۇلماHTMLبەت ئېلېمېنتى ۋە مەزمۇنى
ئىپادىلەشCSSتور بەت سىرتقى كۆرۈنۈشى ۋە ئورنى ( مەسىلەن: رەڭگى، چوڭ كىچىكلىكى )
ھەرىكەتJavaScriptتور بەت مودېلىنىڭ ئېنىقلىمىسى بىلەن بەتنىڭ ئۆزئارا ئۈنۈمى
HTML ئۇقۇمى

HTML ( Hyper Text Markup Language ) تەرجىمىسى : ئادەتتىن تاشقىرى تېكىست بەلگە تىلى مەخسۇس تور بەت ئېچىشقا ئىشلىتىلىدىغان تىل بولۇپ، ئاساسلىقى HTML تىلى ئارقىلىق تور بەتتىكى تېكىست ، سۈرەت ، ئاۋاز ، سىن قاتارلىق مەزمۇنلارنى تەسۋىرلەيدۇ .

HTML تىلى

تور بەت بىر پارچە ماقالىگە ئوخشايدۇ ، ھەر بىر بەت ماقالىنىڭ مەزمۇنى مۇقىم تۈزۈلۈشكە ئىگە بولىدۇ .
مەسىلەن : باش ، تېكىست ، ئىمزا قاتارلىقلار .
تور بەتلەردىمۇ مۇقىم قۇرۇلما مەۋجۇت
مەسىلەن : پۈتۈن گەۋدە ، باش قىسىم ، ماۋزۇ ، ئاساسىي گەۋدە تور بەتتىكى مۇقىم قۇرۇلمىنى ئالاھىدىلىكتىكى HTML تىلى ئارقىلىق تەسۋىرلەشكە توغرا كېلىدۇ .

     <html>
       <head>
          <title>تور بەت تىمىسى</title>
       </head>
       <body>
        تور بەت ئاساسىي مەزمۇنى
       </body>
    </html>
HTML تىل قۇرۇلمىسىنىڭ قانداق تەركىبلىرى بار ؟

html تور بەتنىڭ بەدىنى
head تور بەتنىڭ باش قىسمى
body تور بەتنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسى
title تور بەتنىڭ ماۋزۇسى

HTML ئېچىش قورالى
VScode ( تەھرىرلىگۈچ )

{collapse}
{collapse-item label="قىستۇرمىلار" open}
Dark قىستۇرما دېتال
Chines قىستۇرما دېتال
open in browser قىستۇرما دېتال
{/collapse-item}
{collapse-item label="قۇراللار"}
PxCook ( ئۆلچەش قورالى )
گوگىل تور كۆرگۈچىسى
Snipaste ( رەسىم كېسىش قورالى )
ps ( ئۆلچەش قورالى ) قىستۇرمىسى
Cuttermann ئورگان تورى : {anote icon="fa fa-download fa-lg" href="http://www.cutterman.cn/zh/cutterman" type="secondary" content="ئەڭ ياخشى رەسىم كېسىش قورالى"/}
{/collapse-item}
{/collapse}



文章评论