首页 ساغلاملىق

ئەنجۈر
مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
★ ئەنجۈر ھەققىدە
ئەنجۈر، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ئەركەك ، چىشىسى ئايرىم چېچەكلەيدۇ ، گۈلى خالتىسىمان گۈل تەگلىكىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ ، سىرتقى كۆرۈنۈشى مېۋىسىنىلا كۆرۈپ ، چېچەك دەپ ئاتالمايدۇ . مېۋىسى ياپىلاق ھەم يۇمىلاق ، پوستى سېرىق ، ئېتى يۇمشاق ، ئوزۇقلۇقى مول ، تەمى ھەسەلدەك تاتلىق . مېۋىسى ئىستېمال قىلىنغاندىن باشقا ، يەنە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ ، ئۈچەينى تازىلاپ ، ئىششىقنى ياندۇرۇپ ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ . ئەنجۈرنىڭ مېۋىسى ئىنتايىن يۇمران بولۇپ ، ساقلاش ۋە توشۇش قىيىن ، يەرلىك خەلقلەر كۆپىنچە ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇپ ، سىرتقا يۆتكەپ ساتىدۇ .
★ ئەنجۈرنىڭ شىپالىق رولى
1- كىكىردەك كىسەللكلىرىنى داۋالايدۇ . ئىككى تال ئەنجۈرنى سۇغا چىلاپ ئۇزۇن مەزگل ئىچىپ بەرگەندە ئالاھدە ئۈنۈم بېرىدۇ .
2- راك كىسلى بۇلۇشنىڭ نىسبىتنى تۈۋەنلتىدۇ.
3- قان قەنتنىڭ ئۆرلەپ كىتىشنىڭ ئالدنى ئالىدۇ ، ئەنجۈرنىڭ سۈيىنى ئىچىپ بەرگەندە قان قەنتنى تۈۋەنلتىدۇ .
4- ئاشقازان كىسلنىڭ يۈز بېرشنى ئازايتىدۇ .
5- ئاشقازان ئۈچەينى نەمدەيدۇ .
6- قاندىكى ماي مىقدارىنى تۈۋەنلتىدۇ . ئەنجۈر تەركىبىدە ماي ئېنزىمى ئېرىتكۈچى، ئېنزىم بار بۇلۇپ، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش ، ماينى پارچىلاش رولى ئىقتىدارى بار، قان تومۇردا چۆكمىلىشىپ قالغان ماينى ئازايتىپ ، قان بېسىمىنى تۈۋەنلتىش رولنى ئويناپ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .



文章评论