首页 ساغلاملىق

1
★ تەبئىي بۆرەك دورىسى
مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەشھۇر تېۋىپ لى شىجىن رىسالىسىدە : پىچەكگۈل بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ ، تال بىلەن ئاشقازاننى ساغلام قىلىدۇ دېيىلگەن . تىبابەتتە پىچەكگۈل بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان ئېسىل دورا قىلىنىدۇ ، شۇڭا بۆرىكى زەئىپلەشكەنلەر پىچەكگۈلنى يەپ بەرسە ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ .
يېيېش ئۇسۇلى : دۈملەپ پىشۇرۇپ يېسە ، ئۇنىڭدىكى قۇۋۋەتنىڭ خورىشى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشىدۇ ، يەنە شورپىغا سېلىپ ياكى قورۇپ يەيدىغان ئۇسۇللىرىمۇ بار .
2
★ تەبئىي ئاغرىق توختىتىش دورىسى
زەنجىۋىل پەقەت بىر تەم تەڭشىگۈچ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئاغرىق توختىتىش دورىسى قىلىنىدۇ ، سىرتتىن ئىشلىتىلسە ئۈنۈمى بەك ياخشى. شامالدارىش مەنبەلىك زۇكامدىن بولغان باش ئاغرىقى ، شەققە ( باشىنىڭ يېرىمى ئاغرىش ) بۇلۇپ قالغاندا ، زەنجىۋىلنى بىر يۈەنلىك تەڭگە چوڭلۇقىدا توغراپ ، ئوتقا ئۈچ مىنۇت قاقلاپ ئىسىسىق ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ، ئارقا مېڭىدىكى شامال ئورىكى پەللىسىگە چاپلاپ كۈچەپ ئۇۋۇلاپ بەرسە ؛ بەل ياكى پۇت بوغۇملىرى ئاغرىغاندا ، زەنجىۋىلنى تۇغراپ ، تۇزلۇق سۇدا قاينىتىپ پىشۇرغاندىن كېيىن ، بەل ۋە تېز بوغۇمغا چاپلىسا ئاغرىق توختايدۇ .
ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى : سىرىتتىن ئىشلىتىلسە ئاغرىق توختىتىدۇ .
3
★ تەبئىي ئۇيقۇ دورىسى
بانان ئەمەلىيەتتە ئەڭ ئېسىل ئويقۇ دورىسى. سېروتونېن بىلەن مېلانوسىتىنى مۇقىملاشتۇرغاندىن باشقا، ئۇنىڭدا يەنە ماگىنىي ئېلېمىنىتې بار ، دەل مۇشۇ ماگىنىي ئېلېمىنىتې مۇسكۇللارنى بوشاشتۇرۇپ ، ئۇخلىتىش دورىسىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ . ئوخلاشتىن بۇرۇن باناب يېسە سەمىرىپ كەتمەيدۇ ، چۈنكى بانانىڭ ئىسىسقلىقى تۆۋەن ، يېمەكلىك تالاسى مول ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ .
4
★ زىيادە سەزگۈرلۈككە قارشى تۇرىدىغان تەبئىي دورا
زىيادە سەزگۈرلۈككە قارشى تۇرىدىغان تەبئىي دورا يىڭنىسىمان ئوتياشنىڭ ( جىنجېنگو ) زەمبىرۇغ سېپىدە بىر خىل ئاقسىل بار ، بۇ ئاقسىل زىققا، بۇرۇن ياللۇغى ۋە ھۆل تەمرەتكە قاتارلىق زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلىگە داۋا بولىدۇ ، مۇنداق كېسلى يوق كىشلەرمۇ يىڭنىسىمان ئوتياشىنى يەپ بەرسە ، كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ .
يېيىش ئۇسۇلى : يىڭنىسىمان ئوتياشتىن سوغۇق كۆك تەييارلاپ يېسە ، ئەسلى ئۇزۇقلۇق تەركىبى ۋە تەمى يوقاپ كەتمەيدۇ .



文章评论

    Typecho 访客BrowserSystem
    2020-11-2 18:21   回复

    ئىشلىتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.